دېھقانچىلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا شەھەرلىشىپ، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىقتىن تەدرىجىي دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىگە يۈزلەنگەن ۋە ئىپتىدائىي تېرىقچىلىقتىن تەدرىجىي ھالدا ئۆزىگە خاس ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بەرپا قىلىپ، بۇغداي، قوناق، ئارپا، گۈرۈچ، تېرىق، ماش قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى تېرىغان ۋە تېرىقچىلىق سايمانلىرىنى ئىختىرا قىلغان.
دېھقانچىلىق سايمانلىرى: قوش، بوقۇسا، يالغۇز ئوغۇل، سۆرەتمە تاختاي، تارماق، تۇلۇق، كەتمەن، ئورغاق، ئوتىغۇچ، ئارا، كۈرەك، غەلۋىر، ئۆتكەمە، موماياغاچ، شامالدۇرغۇچ، سوقا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تېرىقچىلىق ئۇسۇلى: ئۇيغۇرلار يەرلىك ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىدۇ، كۈزگى بۇغداينى قوناق يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن يەرنى تاختىلاپ (تۈزلەپ) ئوغۇتلاپ، ئوسا قىلىپ ئاغدۇرۇپ ئاپتاپقا سالىدۇ. نەملىك تەڭشەلگەندە قايتا ئاغدۇرۇپ، ئۇرۇق سالىدۇ. ئۇرۇق ئۈستىنى دەسسەپ ياكى سۆرەم سېلىپ چىڭدايدۇ (ئۇرۇقنى باسۇرىدۇ). بۇغداي ئۈنگەندە بەزىلەر مالغا يېگۈزۈلىدۇ، بەزىلەر مايسا ئۈستىدىن تۇلۇق سۆرەپ مايسىنىڭ قەرەلسىز ئۆسۈشىنى چەكلەيدۇ. ئەتىيازدا، يەرگە تارماق سېلىپ بوشىتىدۇ. ئەخلەت â چاۋارلارنى تازىلايدۇ. مايسا بىخ سۈرۈپ ئون â ئون بەش سانتىمېتىر ئۆسكەندە، سېپىل ياكى كونا تام توپىسى بىلەن توپىلايدۇ. ياۋا ئوت â چۆپلەر ئوتىغۇچ بىلەن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
يازغى بۇغداي 2â ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن تېرىلىدۇ. كۈزگى بۇغداي ئالدىدا، يازغى بۇغداي ئارقىدىن پىشىدۇ.
ئاشلىق يىغىش: دەل ۋاقتىدا ئورغاق بىلەن ئورۇپ باغ قىلىپ باغلايدۇ. مەخسۇس خامان راسلايدۇ. خامان ئورنى تۈزلىنىپ چىڭدىلىدۇ. ئوتتۇرىغا موما ياغاچ قاداپ يەرگە ئەنجۈ (باغلانغان بۇغداي)نى چۇۋۇپ سېلىپ، ئۇلاغقا تۇلۇق سۆرىتىپ مومىنى ئايلاندۇرۇپ، بۇغداينى باشاقتىن ئاجرىتىدۇ. بىر ئادەم ئۇلاغ ھەيدەشكە، يەنە بىر ئادەم ئەنجۈنى ئۆرۈپ ئۇلاغ ۋە تۇلۇق ئاستىغا تاشلاپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ. باشاقتىن ئايرىلغان بۇغداي ئاستىدا قالىدۇ. ساماننى ئېلىپ تاشلاپ ياغاچ گۈرجەك بىلەن شامالغا قاراپ سورۇيدۇ، شامال بولمىسا ئەدىيال بىلەن گۇپپاڭ ئېتىپ شامال بولمىسا ئەدىيال بىلەن گۇپپاڭ ئېتىپ شامال چىقىرىدۇ.
قوناق: بۇغداي ئورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تېرىلىدۇ. تېرىش جىددىي بولىدۇكى، ئەتىگەندە سالغان ئۇرۇق بىلەن چۈشتىن كېيىن سالغان ئۇرۇقنىڭ پىشىشىدا پەرق بولىدۇ. ئوتاش، سۇغىرىش ۋاقىتقا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. قوناق پىشقاندا ئۈزۈۋېلىپ، پالىڭنى سويۇپ تاشلاپ، كالتەك بىلەن سوقۇپ مەدەكتىن ئاجرىتىدۇ.
قائىدە â يوسۇنلار: خامان ئېلىنغاندا شۇ مەيداندا بولغان، قارىشىپ بەرگەن كىشىلەرگە ھوسۇل خۇشاللىقى بىلەن كەپسەن بېرىلىدۇ. ئومۇمىي مەھسۇلات سادىغىسى ئۈچۈن مەدرىس، مەسچىت، ئىمام، مەزىن، خاتىپلارنىڭ راسخوتىنى مەقسەت قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە بېرىدۇ. بۇغداي، قوناقلار ئورۇلۇپ، خامانغا توشۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېڭىزلىقتا يوقسۇللارنىڭ باشاق تېرىۋېلىشىغا يول قويىدۇ. جان â جانىۋارلار ھەققى دەپ توپانلارنى ئېتىزغا چېچىپ قويىدۇ.
دېھقانچىلىقنىڭ پەسىل خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، يىغىم â تېرىم مەزگىلىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز ئارا ھەمكارلىق لاپقۇتلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.
تېرىم ۋە يىغىم ئادەتلىرى
ئۇيغۇر دېھقانلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتى، قايسى خىل ئۇرۇقنى قايسى ۋاقىتتا سالسا (تېرىسا) ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ تۇرىدۇ ۋە شۇ يىلقى قىشلىق قار، جۈملىدىن ئەتىياز ۋە يازدا بولىدىغان يامغۇرلارنى مۆلچەرلەپ تۇرىدۇ. مۇبادا، ھۆل â يىغىن ئاز بولۇپ قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىش شەپىسى بولىدىغان بولسا، كونا قائىدىسى بويىچە، پۈتۈن يۇرت خەلقى ئۇلۇغ مازارلار ياكى قەدىمكى جايلارغا يىغىلىپ كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ ھەربىر ئادەم خالىغان نەرسە ئېلىپ چىقىدۇ، قان قىلىپ، ياغ پۇرىتىپ سۇ تەلەپ قىلىپ دۇا â تەكبىر قىلىپ تەڭرىگە سېغىنىدۇ، بۇ مۇراسىمنى«زارا خەتمە» دەپ ئاتايدۇ.
زارا خەتمىدىن كېيىن، ھەربىر دېھقان ئۆز ئېتىزلىرىنى تۈزەپ سۇ كېلىشنى كۈتىدۇ ۋە ئۆزىگە تۇشلۇق ئېتىز بېشىدا قوي، كالا دېگەندەك جانلىقلارنى سويۇپ «قان قىلىپ» نەزىر قىلىدۇ. جامائەت يىغىلىدۇ. بۇ يىغىلىشتا دېھقانچىلىق رىسالىسى ئوقۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز â ئېرىق ئىشلىرىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قائىدىلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ، رىسالىدىكى بەدەننى پاكىز، پاك تۇتۇش، تېرىقچىلىق ۋاقتىدا، پىرلارغا سېغىنىش، شەرىئەت ئەمرىنى بەجا قىلىش، ئېتىقادىنى پاك قىلىش، ئاللانى ياد ئېتىش، ئۇرۇقنى ئوڭ قول بىلەن سېلىش، خاپىلىق â ئاچچىقلىنىشتىن خالىي بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئالىملارنى دوست تۇتۇش، قوش قېتىش، تاپ بېشىدىن يېنىش ئۇسۇلى، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئاسراش ۋە قەدىرلەش، ئۆشرە، كەپسەن بېرىش، يالغۇز بۇغداي، قوناق تېرىماي، قوغۇن â تاۋۇز، ماش، پۇرچاق، كۆكتات قاتارلىق ھەرخىل زىرائەتلەرنى تېرىش، باغ بىنا قىلىش ۋە ئاسراش قاتارلىق قائىدىلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ.
يىغىم ۋاقتىدا، خامان بېشىدا بەرىكەت تىلەپ يەنە بىر قېتىم قان قىلىپ دۇا â تەكبىر ئوقۇلىدۇ.
خامان چەشلىنىپ بولغاندا، ئالدى بىلەن «چەش بۇرنى» دەپ بىر غەلۋىر ئاشلىقنى ئايرىم قويىدۇ، ئاندىن ھەر ئون غەلۋىرىدىن بىرىنى ئۆشرە دەپ ئايرىپ قويۇپ، مەسچىت، مەدرىسلەرگە بېرىدۇ.
ئائىلە باشلىقى كەپسەن دەپ ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىن ئۇرۇق â تۇغقانلىرىغا، خامان ئۈستىگە كەلگەن يوقسۇللارغا مۇۋاپىق ئۆلچەمدە ئاشلىق بۆلۈپ بېرىدۇ. جان â جانىۋارلار ھەققى دەپ خاماندا قالغان چار بۇغداينى ئەتراپقا چېچىپ قويىدۇ. يوقسۇللارنىڭ باشاق تېرىۋېلىشىغا يول قويىدۇ. بۇلارنى سادىقىغا، ئەلگە نەپ دەپ بىلىدۇ.
قوغۇن تېرىغان دېھقانلار ئۇرۇق سېلىش ۋاقتىدا نەزىر (قان) قىلىپ ئۇرۇق سالىدۇ.
باغۋەنلەرمۇ مېۋىلەر بىخ ئۇرۇش ۋاقتىدا، دۇا â تەكبىر ئۆتكۈزىدۇ. مېۋە پىشقاندا ھەرقانداق كىشى باغقا كىرسە خالىغانچە يېيىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بېغى يوق قولۇم â قوشنا ۋە ئۇرۇق â تۇغقانلىرىنىڭ ئائىلىسىگە داۋاملىق مېۋە كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ.
خامان ناخشىسى
خامان تېپىش â دېھقانچىلىق ئەمگىكىنىڭ ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ ئۈمىدلىك مەزگىلى بولغاچقا، دېھقانلار خاماننىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەپ ھەرخىل ئېرەملىك ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق ئېرەملىك ئادەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خامان قاتقاندا ئېيتىدىغان «خامان ناخشىسى»دىن ئىبارەت.«خامان ناخشىسى»نى ھەممە دېھقان ئېيتمايدۇ ۋە ئېيتالمايدۇ. يۇرت ۋە مەھەللە ئىچىدە «خامان ناخشىسى»نى ئېيتىدىغان بىر نەچچە تەجرىبىلىك پېشقەدەم دېھقانلار بولۇپ ئۇلار تەكلىپ بىلەن ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرت â مەھەللىدىكى خامانلىقلارنىڭ ئارىلاپ قەرەللىك ھالدا â¹خامان ناخشىسىâºنى ئېيتىش بىرخىل ئەنئەنىگە ئايلانغان.
â¹خامان ناخشىسى⺠ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «لاي â لاي» دېگەن مەخسۇس نام بىلەن ئاتالغان.«لاي â لايچىلار» ئادەتتە ئوڭ دولىسىغا ئارىنى ئېلىپ، قولى بىلەن سول قۇلىقىنى تۇتۇپ، خامانغا قاتقان ئات â ئۇلاغلارنىڭ مومىنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەھەللە â كويغا ئاڭلانغۇدەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «لاي â لاي» سالىدۇ. «لاي â لاي» ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ، دىققەت بىلەن تىڭشايدۇ. دېھقانلار ئارىسىدا «لاي â لايچىلار» يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. دېھقانلارنىڭ قارىشىچە، «لاي â لاي» سېلىنمىغان خاماندا بەرىكەت بولمايدۇ. «لاي â لاي» جىن â شەيتانلارنى قوغلاپ، ئەرۋاھلارنى خامانغا چاقىرىش ئۈچۈنمىش. «خامان ناخشىسى» نىڭ رىتىمى خامانغا قاتقان ئات â ئۇلاغلارنىڭ مېڭىشىغا ماسلاشقان بولۇپ، ئاھاڭى ناھايىتى سۈرلۈك ۋە جۇشقۇنلۇق بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىنى تىترىتىدۇ. ناخشىدا دېھقاننىڭ ھوسۇلنى تېزراق يىغىۋېلىش ئارزۇسى ۋە مول ھوسۇل ئېلىش ئۈمىدى، تېرىلغۇ ئۇلاقلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ بۇ ھايۋانلارغا بولغان مۇھەببىتى قاتارلىق مەزمۇنلار كۈيلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قوشاقلار خامان تېپىش ئەمگىكىنىڭ ئېھتىياجىغا بىۋاسىتە ماسلاشقان بولۇپ، ھارغىنلىقنى ئازايتىش، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ ئەمگەك مەيدانىغا جۇشقۇن كەيپىيات بېغىشلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. مەسىلەن:
لاي â لاي
دەسسەڭلار، يانجىڭلار، جانىۋارلىرىم
مەيدە بولسۇن.
داننى ئايرىپ چەشلەڭلەر، جانىۋارلىرىم
خامان تولسۇن
لاي â لاي â لاي ...
نەقرات:
دەسسەڭلارەي â يانجىڭلار، جانىۋارلىرىم
خام تولسۇن.
لاي â لاي â لاي ...
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «لاي â لاي» دەپ ئاتالغان «خامان ناخشىسى» نىڭ تېكىستى ھەممە رايونلاردا بىردەك، مۇقىم بولۇۋەرمەيدۇ. ئەمما ئاھاڭ، رىتىملىرى بىرقەدەر ئوخشاشلىققا ئىگە.
كۆكتاتچىلىق
ئۇيغۇرلاردا كۆكتاتنىڭ تۈرى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن. ئۇلار كەسپىي كۆكتاتچىلىق بىلەن قوشۇمچە كۆكتاتچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل كۆكتاتچىلىقنى تەڭ ئېلىپ بارغان. كەسپىي كۆكتاتچىلار مەخسۇس كۆكتات تېرىش، كۆكتاتلارنى پارچە، توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قوشۇمچە كۆكتاتچىلار ئاساسەن ئۆزلىرىگە لازىملىق يازلىق كۆكتاتلارنى تېرىشتىن باشقا، كۈزلۈك كۆكتات تېرىپ بازارنى قىشلىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى بازار كۈنلىرى دېھقاننىڭ سەۋزە، پىياز، چامغۇر، تۇرۇپ، يېسىۋىلەكلىرى بازارغا كىرىدۇ.
كەسپىي كۆكتاتچىلار ئاساسەن بازارغا يۈزلەنگەن بولغاچقا، 2 â ئايدىلا قىزىل مۇچ، كۆك مۇچ، شوخلا، يېسىۋىلەك، پېدىگەن، كاللەكبەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى ساندۇقلارغا تېرىپ ئائىلىسىدە ئۆستۈرۈپ، 4 â مايغا كەلگەندە كۆچۈرۈپ پەرۋىش قىلىدۇ. ئۇلار يېڭى سەي â كۆكتات بىلەن بازارنى بۇرۇنراق ئىگىلەش جەھەتتە ئۆزئارا بەسلىشىدۇ. كۆكتاتچىلىق بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىدىغان كەڭ دېھقانلار، ئورمىدا بۇغداي ئورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئورنىغا سەۋزە، پىياز، كۆك تۇرۇپ، چامغۇر، يېسىۋىلەك، كاللەكبەسەي قاتارلىق قىشلىق كۆكتاتلارنى تېرىيدۇ. بۇ خىل كۆكتات تېرىش ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئومۇملاشقان.
ئۇيغۇر دېھقانلىرى 10 â ئايدىن باشلاپ 11 â ئايغىچە كۆكتاتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپلىرىنى تېرىغان ئېتىزىغا كۆمۈپ، باشقا كۆكتاتلارنى گەمىدە ساقلايدۇ.
دېھقانلار كۈزدىن باشلاپ ئەتىيازغىچە ھەربىر بازارغا ئۆزلىرى تېرىغان كۆكتاتلىرىنى ئەكېلىپ توپ ۋە پارچە ساتىدۇ. بازار كۈنلىرى ھەممە بازاردا قىشلىق كۆكتات سېتىلىدۇ. مۇشۇ قوشۇمچە كىرىم بىلەن دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ.
ئادەتتە شەھەرلەردە ھەربىر كوچا ياكى مەخسۇس ئورۇنلاردا كۆكتات دۇكانلىرى بولىدۇ. بۇ دۇكانلار يىل بويى كۆكتاتلارنى توپ ئېلىپ پارچە سېتىش تىجارىتى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سودا قىلىش ئۇسۇلى يەرلىك ئۆرپ â ئادەتكە ماسلاشقان. ئۇلار خېرىدارلارنىڭ پۇلىنىڭ ئاز â كۆپلۈكىگە قارىماي، بار كۆكتاتلارنىڭ ھەممە تۈرىدىن ئا زâ ئازدىن بېرىپ، خېرىدارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ. توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان مۇنداق كەسپىي كۆكتاتچىلار كۆكتاتنىڭ پاكىزلىقى ۋە كۆركەملىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ.
باغۋەنچىلىك
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا â¹بېغى يوقنىڭ جېنى يوق⺠دېگەن تەمسىل بار. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە كۆكەرتىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا، بىرەر تۈپ دەرەخ تىكىپ پەرۋىش قىلىش ناھايىتى چوڭ ساۋابلىق ئىش، دەپ قارىلىدۇ. بوستانلىق ئۇيغۇر تەبىئىتىنى خاراكتېرلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقانداق يېزا â مەھەللىدە بۈك â باراقسانلىق باغ بولىدۇ. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە دېھقانچىلىقتىن قالسىلا باغۋەنچىلىك ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم ئىگىلىك شەكلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، شىنجاڭ مېۋە â چېۋىنىڭ ماكانى دەپ قارىلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى ئاساسەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مېۋە تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، سۈپىتىنى ياخشىلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىگە دائىر مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ جايدىن چىقىدىغان يەرلىك مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرى يۈز خىلدىن ئاشىدۇ. بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقانلىرى ئۆرۈك (سورتلىرى خۇۋەينى ئۆرۈك، ئەنجان ئۆرۈك، مايسەن ئۆرۈك، ياغلىق ئۆرۈك، خەششەك ئۆرۈك، سەمەت ئۆرۈك، كىشمىش ئۆرۈك، كۆك پىشار، گۈل ئۆرۈك قاتارلىقلار)، شاپتۇل، توغاچ، ئۈزۈم، ئانار، ئەنجۈر، ئالما، ئامۇت، چىلان، جىگدە، ئۈجمە، بېھى، ئەينۇلا، پىستە، بادام، ياڭاق، ئالگرات، جىنەستە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھەربىر مېۋە تۈرلىرىنىڭ يەنە خىلمۇ خىل سورتلىرى بار. خوتەن شاپتۇلى، قاغىلىق ياڭىقى، پەيزىۋات قوغۇنى، قەشقەر ئانىرى، ئاتۇش ئەنجۈرى، كوچا ئۆرۈكى، كورلا ئامۇتى، تۇرپان ئۈزۈمى، قۇمۇل چىلىنى، ئىلى ئالمىسى قاتارلىق داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتلار خەلقئارا مېۋە بازىرىدا ئالاھىدە نام چىقارغان. 6â ئايدا ئۈجمە پىشقان مەزگىلدىن تارتىپ تاكى 10 ئايغىچە بولغان ئۈچ â تۆت ئاي شىنجاڭدا ھەرخىل مېۋىلەر بىر â بىرىگە ئۇلىشىپ مەي باغلىغان â¹ئالتۇن پەسىلâº. بۇ ئايلاردا ئۇيغۇرلار ئۆيىگە كىرگەن مېھماننىڭ ئالدىغا ئالدى بىلەن مۇرادىغا يېتىپ پىشقان ھەرخىل مېۋىلەرنى قويىدۇ ياكى بېغىغا باشلاپ ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە باغقا كىرىپ يېگەن مېۋە ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلمايدۇ. ئادەتتە شەھەر ئىچىدە باغ بىنا قىلىش شارائىتى بولمىغاچقا، شەھەر ئاھالىلىرى مېۋە â چېۋە راسا مەي باغلىغان مەزگىلنى تاللاپ، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا چىقىپ â¹باغ سەيلىسى⺠ئۆتكۈزىدۇ. بۇرۇن قەشقەردە كەڭ قانات يايغان â¹ھەزرەت سەيلىسىâº، â¹ئاتۇش سەيلىسىâº، â¹بەشكېرەم سەيلىسى⺠قاتارلىقلار ماھىيەتتە مېۋە سەيلىسى بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا باغ â ۋارانلار يىراق â يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ سەيلىگاھىغا ئايلىنىدۇ.
مۇشۇ خىل مېۋە â چېۋە قاتارىدا يەنە شىنجاڭنىڭ قوغۇن â تاۋۇزىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇيغۇرلار قوغۇن تېرىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. قوغۇننىڭ تۈرى ۋە تەمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قوغۇننىڭ سورتلىرى ئىچىدە قۇمۇل قوغۇنى، قارا كۆسەي، كۆكچى، بىشەكشىرىن، شېكەر سۈيى، سەۋزىنازۇك، قارىقاش، خامانچى، چىلگە قاتارلىق مەشھۇر بولۇپ، يازلىق قوغۇن ۋە قىشلىق قوغۇن دەپ ئايرىلىدۇ. يېزىلاردا ھەربىر ئائىلە دېگۈدەك ئۆزىگە يەتكۈدەك بىرەر ئېتىز قوغۇن â تاۋۇز تېرىشقا ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلار قوغۇن â تاۋۇز تېرىشتا ئۇرۇق تاللاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. قوغۇنچىلار ئۇرۇقى بۇزۇلمىغان سورتلۇق ۋە تەملىك قوغۇنلارنىڭ ئۇرۇقىنى شۇ قوغۇننىڭ شاپىقىغا ئېلىپ، ئاپتاپتا، قۇرۇتۇپ مەخسۇس ساقلايدۇ. شۇ ئارقىلىق قوغۇنلارنىڭ يەرلىك سورتلىرىنى ئەۋلادتىن â ئەۋلادقا ساقلاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئادىتىدە ۋايىغا يەتمىگەن (پىشمىغان) قوغۇنلارنى ھەرگىز ئۈزمەيدۇ.
شىنجاڭدا مېۋە â چېۋىلەرنىڭ ھەم كۆپ، ھەم تەملىك بولۇشى بۇ رايوننىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ، بولۇپمۇ مېۋە â چېۋە ئەڭ كۆپ چىقىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقلىم جەھەتتىن قۇرغاق رايون بولۇپ، بۇ جايلارغا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، تۇپرىقى مېۋە â چېۋە ئۆستۈرۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. لېكىن ئەڭ مۇھىمى، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېۋە â چېۋە ئۆستۈرۈشكە ماھىرلىقى ھەمدە يېشىللىقنى سۆيۈشتەك گۈزەللىك تەبىئىتى ئاساسىي تەرەپ.
ئۇيغۇرلار ھۆل مېۋىلەردىن قۇرۇق يېمىش ياكى مېۋە قېقى تەييارلاشتىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇڭا ھەرقانداق ئائىلىدە يىلنىڭ ھەممە پەسىللىرىدە دېگۈدەك ھەرخىل قۇرۇق يېمىشلەر بولىدۇ. قۇرۇق يېمىشتىن باشقا، مېۋىلەرنىڭ ھەممە تۈرىدىن دېگۈدەك يەرلىك ئۇسۇلدا مۇراببا تەييارلىنىدۇ. بولۇپمۇ خوتەن خەلقى مۇراببا تەييارلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنى ھەم ئوزۇقلۇق، ھەم مىللىي دورا ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ھەرقانداق ئائىلىدە مېھماننىڭ ئالدىغا قەنت â گېزەك ئورنىدا ئۆزى تەييارلىغان مۇشۇ خىل مۇراببالارنى تىزىدۇ. مېۋىلەردىن ھەرخىل پايدىلىق ئىچىملىكلەرنى تەييارلاشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى قەدىمكى ئادەتلىرىدىن بىرى. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ â¹تۈركىي تىللار دىۋانى⺠بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ â¹قۇتادغۇبىلىك ⺠داستانى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مېۋە â چېۋىدىن تەييارلىغان ھەر خىل ئىچىملىكلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇماتلار بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا â¹بېغى يوقنىڭ جېنى يوق⺠دېگەن تەمسىلنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۈزۈمچىلىك
مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا، تۇرپان â¹ئۈزۈم ماكانى⺠دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. دەرۋەقە ئۈزۈم ھەقىقەتەن بۇ ۋادىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەھسۇلاتى. تۇرپان ۋادىسىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆزگىچە ھاۋا ئىقلىمى ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى باب كېلىدۇ.
ئۈزۈم ھەققىدە گەپ بولغاندا ئىدىقۇت خەلقى ئۇنى تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن. â¹يەتتە قىز رىۋايىتى⺠بىلەن باغلايدۇ. بۇ رىۋايەتتە :â¹يەتتە قىز تاشقا ئايلىنىش ۋاقتىدا بويۇنلىرىدىكى ئۈنچە â مارجانلىرىنى چېچىپ بۇ ۋادىدا ئۈزۈمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن قىزىل سايۋا قىزىل ياقۇتتەك يالتىراق، كىشمىشلىرى ئۈنچە â مارجانلاردەك كۆركەم. ئۈزۈمنىڭ ھەر ساپىقى يەتتە قىزنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ئۈنچىلەردەك غۇجمەك⺠دەپ ھېكايە قىلىدۇ. يۇقىرىقىلار ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان ئۇقۇملار بولسىمۇ، بۇ ۋادىدا زامان â زامانلاردىن بۇيان ئۈزۈم ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەنلىكى ھەممىگە ئايان.
تۇرپاندا â¹ئۈزۈمى يوق كىشىنىڭ جېنى يوق⺠دېگەن نەقىل بار. دېمىسىمۇ، تارىختىن بۇيان بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي ئىگىلىكى ئۈزۈمچىلىك بولۇپ كەلگەن.
تۇرپان ئۈزۈمى تەمىنىڭ شېرىنلىكى (قەنت تەركىبى يىگىرمە بەش پىرسەنتكە يېتىدۇ)، سورتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەھسۇلاتدارلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرپان كىشمىش ئۈزۈمى شىنجاڭ بويىچە ھەممىدىن بۇرۇن پىشىپ، بازارنى ئىگىلەيدۇ.
بۇ ماكاندا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ئۈزۈم سورتلىرى كىشمىش، ئۇزۇن كىشمىش، يوغان كىشمىش، ئۇرۇقلۇق كىشمىش، قىزىل سايۋا، سايۋا ئۈزۈم، ئاق ئۈزۈم، قارا ئۈزۈم، غۇنچە ئۈزۈم، بىجاقىي ئۈزۈم، قىزىل بېلىقى ئۈزۈم، ئاق بېلىقى ئۈزۈم، قاشقىر ئۈزۈم، بوغۇم سايۋا، ھىمرىك سايۋا، يۇمىلاق سايۋا، قاپاق سايۋا، كەنجى ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تۇرپاننىڭ ياز پەسلى ئۇزۇن، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل يېغىن مىقدارى ئاز بولغاچقا، بۇ رايون قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىشقا ناھايىتى باب كېلىدۇ. شۇڭا تۇرپان ۋادىسىدىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆگزىسىدە، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئوچۇقچىلىقتا قەد كۆتۈرگەن ئۈزۈم قۇرۇتۇش چۈنچىلىرى بولىدۇ. ئەمگەكچان تۇرپان خەلقى ئۈزۈم قۇرۇتۇش تېخنىكىسىغا ماھىر. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرپاننىڭ قۇرۇتۇلغان كىشمىش ئۈزۈمى يېشىل مەرۋايىتتەك كۆركەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتى سۈپىتىدە خەلقئارا بازاردا سېتىلىدۇ.
ھوڭ قوغۇنى
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قوغۇنلىرى ھازىر خەلقئارا بازارلاردا â¹خامىگۇا⺠(مەنىسى قۇمۇل قوغۇنى) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. ئەمەلىيەتتە، â¹خامىگۇا⺠دەپ ئاتالغان بۇ قوغۇن ئىدىقۇت باغرىدىكى پىچان ناھىيىسىنىڭ گۈزەل مەھەللىلىرىدىن بىرى بولغان ھوڭ دېگەن جايدىن چىقىدىغان ئالاھىدە سورتلۇق â¹ھوڭ قوغۇنىâºنىڭ تارىخى نامىدىن كەلگەن.
دەرۋەقە، ھوڭ قەدىمدىن تارتىپ قوغۇن ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەن جاي، ھوڭنىڭ توپىسى قارا چىلان تۇپراق بولۇپ، بىر قىسىم جايلىرى نەم تارتىپ تۇرىدىغان شورلۇقتىن ئىبارەت. ھوڭ خەلقى قەدىمدىن باشلاپ مۇشۇ ئەۋزەل تۇپراق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، نەم يەرنىڭ ئۈستىگە ئۆرلەپ قالغان شورنى قېزىپ تاشلاپ قوغۇن تېرىپ كەلگەن. بۇ جايدا باشقا رايونلارغا ئوخشاشمىغان ھالدا، قوغۇن چۆنەك تارتىلماي تېرىلىدۇ ھەمدە سۇغىرىلمايدۇ. چۈنكى يەرنىڭ ئەسلىدىكى نەمى قوغۇن پەلەكلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە يېتەرلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. قوغۇن پەلەك تارتىشقا باشلىغاندا، ھەربىر تۈپ قوغۇننىڭ تۈۋىگە ياۋا بۇيا، بېدە، يانتاق ياكى مۇۋاپىق مىقداردا يەرلىك ئوغۇت (ئاساسەن قوي ۋە قۇش ماياقلىرى) كۆمۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھوڭنىڭ قوغۇنى بەكمۇ شېرىن، تاشقى كۆرۈنۈشىمۇ كىشى زوقلانغۇدەك چىرايلىق، تورلىنىشى تەكشى، گۆشى قېلىن، شاپىقى نېپىز، يېيىشلىك، چوڭ â كىچىكلىكى بىر خىل، تۈرى كۆپ، ساقلاشقا چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
قوغۇننىڭ سورتى ئاسان بۇزۇلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ ۋادىدىكى قوغۇنچىلار قوغۇن سورتىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۇرۇق ئېلىشقا ۋە ئۇنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇلار قوغۇن ئۇرۇقى ئېلىشنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى ياراتقان. مەسىلەن، قوغۇنچىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر قوغۇننىڭ ئۇرۇقى تۇمشۇق تەرەپتىن ئېلىنسا، قوغۇننىڭ ئەسلى سورتى بۇزۇلۇپ شالغۇتلىشىپ كېتىدىكەن؛ ئەگەر ئۇرۇق ساپاق تۈۋىدىن ئېلىنسا، قوغۇن ئۇششاق چۈشىدىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇق تاللاشتا قوغۇننىڭ تۇمشۇقى ۋە ساپىقى تەرەپتىكى ئۇرۇقلار چۈشۈرۈۋېتىلىپ، ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇق ئېلىنىدىكەن، ئېلىنغان بۇ ئۇرۇق يۇيۇلماستىن تېلىپى بىلەن قوشۇپ شاپاققا ئىلىنىپ ئۆز پېتى قۇرۇتۇلىدىكەن. قۇرۇغان ئۇرۇقنى ئۆز تۈرى بويىچە تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق تەڭشەلگەن ئۆيدە يۈز يىلغىچە ساقلىسىمۇ بۇزۇلمايدىكەن. مۇشۇ ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھوڭ خەلقى ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان قوغۇنچىلىق كەسپىنى ئەتىۋار بىلىپ، â¹ھوڭ قوغۇنىâºنىڭ ئەسلى سورتلىرىنى ساقلاپ قالغان.
ھوڭدا ئۇزۇندىن بۇيان تېرىپ كەلگەن يەرلىك قوغۇن تۈرلىرىنىڭ نامى تۆۋەندىكىچە:
كۆكچى قوغۇن (بۇنىڭ قارا كۆكچى، ئاق كۆكچى، ھۆر كۆكچى، ئايسىخان كۆكچى، سېرىق كۆكچى دېگەن تۈرلىرى بار)؛ بىشەكشىرىن (ئەسلى بىشەكشىرىن، بۇنىڭ ئۇزۇن بىشەكشىرىن، قارا بىشەكشىرىن، سېرىق بىشەكشىرىن دېگەن تۈرلىرى بار) مىجىگەن (بۇنىڭ مىجىگەن، قاراقاش مىجىگەن، سېرىق مىجىگەن دېگەن تۈرلىرى بار)؛ ئالا قوغۇن (بۇنىڭ سېرىق ئالا، كۆك ئالا، ئاق ئالا دېگەن تۈرلىرى بار)؛ بەگزادە، پوستىپىياز، ناشېكەر، ئاقناۋات، شېكەر سۈيى، خامانچى، ئوينىغۇچ (چىلگە) قاتارلىقلار.
ھوڭ قوغۇنلىرى ئىچىدە مىجىگەن، قارا مىجىگەن ۋە ھۆر كۆكچى دۇنيا بازارلىرىدا ھەممىدىن ئەتىۋارلىق قوغۇن سورتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
دېمەك، ھوڭ â ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئېسىل قوغۇن تۈرلىرىنى يارىتىپ دۇنياغا تونۇتقان ئىدىقۇت باغرىدىكى مەشھۇر جايلارنىڭ بىرى.
چۈنچە
تۇرپاننىڭ كىشمىش ئۈزۈمى ئۆزىنىڭ شېرىن تەمى، پوستىنىڭ نېپىزلىكى، مەھسۇلاتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەممىدىن بۇرۇن پىشقانلىقى، قۇرۇتۇلۇپ ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا بولىدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.
تۇرپاندا شەھەر سىرتىدىكى ئېگىز يەرلەرگە، ئۆگزىلەرگە سېلىنغان تۆت تېمى كۈنگۈرىلىك ئۆيلەر كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئۆيلەر ئۈزۈم قۇرۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ â¹چۈنچە⺠دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنچە ئومۇمەن شامال ئۇرۇپ تۇرىدىغان يەرلەرگە سېلىنىدۇ. چۈنچىنىڭ تۆت تېمى مەلۇم ئۆلچەمدە تۆشۈك بولۇپ، تېمىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ â تۆت مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۈستى ياپما بولىدۇ، چۈنچىنىڭ ئىچىگە كۈن نۇرى چۈشمەيدۇ، چۈنچىنىڭ ئىچىگە بويىدىن بويغا بادرا ئورنىتىلىدۇ. بادرىلارغا تۆشۈك تېشىلىپ قوزۇق قېقىلىدۇ. بۇ قوزۇق â¹تىكەن⺠دەپ ئاتىلىدۇ (تۇرپاننىڭ بەزى يەرلىرىدە بولسا â¹چاققا⺠دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئۈزۈم پىشقاندا 8 â ئاينىڭ 15 â كۈنلىرىدىن باشلاپ) مەخسۇس ئۇستىلار تەرىپىدىن ئۈزۈم ساپىقى بىلەن ئاشۇ تىكەنگە ئېسىلىدۇ. ئۈزۈم قىرىق â ئەللىك كۈندە قۇرۇيدۇ. ئۈزۈم قۇرۇغاندا تىكەننى سىلكىگەندە ئۈزۈم يەرگە تۆكۈلىدۇ. ئۈزۈم سايە يەردە، شامالدا قۇرۇيدىغانلىقى ئۈچۈن رەڭگى يېشىل، سۆسۈن بولىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈمنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇ بىر چۈنچىدىن قانچىلىك ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. دېمەك، â¹چۈنچە⺠تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى.
تۈگمەن
تارىخ تەتقىقاتچىلىرى تارىم بوستانلىقى ئەتراپلىرى دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانا ماكانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، تارىم بوستانلىقىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا شەھەرلىشىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن ئولتۇراق دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىگە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ تۈرى كۆپەيگەن. بۇ ھال دان ئايرىش ۋە يانجىش قوراللىرىنى تەقەززا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يانجىپ ئۇن قىلىپ، نان، ئۇنلۇق تاماق قاتارلىق پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان. مۇشۇ ئېھتىياج ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ سۇ تۈگمىنىنى كەشىپ قىلغان. تۈگمەن ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ، ماددىي تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۆپ خىللىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈگمەننىڭ قاچان، قەيەردە ۋە كىم تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە قولىمىزدا مۇكەممەل تارىخىي ماتېرىيال بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نامى خېلى بۇرۇنقى تارىخىي ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنىدۇ. كېرىيە ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن ئىككى يۈز ئوتتۇز كىلومېتىر جەنۇبىدىكى كېرىيە دەرياسى بويىچە جايلاشقان مارجانلىق خارابىسى ( بۇ شەھەر مىلادىۋى â ئىۋ ئەسىرلەردە خارابىلىككە ئايلانغان) دىن تۆت پاي تۈگمەن تېشى تېپىلغان. تۇرپان ئاستانە ۋە قارا غوجىدىكى ئىخ â ئىۋ ئەسىرلەرگە تەئەللۇق قەبرىلەردىن بۇغداي، بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان نان، چۆچۈرە قاتارلىق پىششىق يېمەكلىكلەر تېپىلغان.
مەھمۇت قەشقىرىنىڭ â¹تۈركىي تىللار دىۋانى⺠ناملىق ئەسىرىدە â¹ئۈگۈتچى⺠(ئۇن تارتقۇچى، تۈگمەنچى)، â¹ئىتەگو⺠(تۈگمەندە ئۈستىگە ئايلانغۇچى تاش ئورنىتىلغان ياغاچ قۇلاق)، â¹قوغۇش⺠(قوش، نور)، â¹تەگىرمەن قوغۇشى⺠(تۈگمەن نورى)، â¹سىبەك⺠(سۆۋەك)، â¹سۈكەنâº، â¹چىغرى⺠(تۈگمەن چاقى)، â¹تۈشۈرگۈ⺠(چۈشۈرگە)، â¹يارماش ئۇن⺠(يۇمشاق تارتىلغان ئۇن)، â¹تەگىرمەن تىشەدى⺠(تۈگمەن تېشىنى چەكتى) (مەھمۇت قەشقىرى: â¹تۈركىي تىللار دىۋانى⺠ئۇيغۇرچە نەشرى، ئى توم، 72â، 184â، 478â، 505â، 549â، 637â بەتلەر ۋە ئىئىئى توم، 54â، 364â بەتلەرگە قاراڭ) قاتارلىق سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ ھال بىزگە قاراخانلار دەۋرىدە تارىم ۋادىسىدا تۈگمەننىڭ كەڭ دەرىجىدە ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئوزۇقلۇق ئادىتىدە ئۇندىن ياسالغان تاماقلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ئەنئەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋالمۇ سۇ تۈگمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈگمەنچىلىك مەخسۇسلاشقان ھۈنەر â كەسىپ بولۇپ، سۇ تۈگمىنى ئەمەلىيەتتە، سۇ ئىلمى، مېخانىكا ئىلمى، بىناكارلىق، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئىقتىساد قاتارلىق ئىلىم â پەنگە ئالاقىدار بولغان مۇرەككەپ تېخنىكىلىق قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئېرىق â ئۆستەڭ شارقىراتمىلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. سۇنىڭ كۆپ ئازلىقىغا قاراپ بىر تاشلىق تۈگمەن، ئىككى تاشلىق تۈگمەن... دەپ ئايرىلىدۇ. بىر تاشلىق تۈگمەن ئېھتىياجلىق بولغان سۇنىڭ مىقدارى بەلگىلىك بولغاچقا، ئەگەر ئۆستەڭدە ئارتۇق سۇ بولسا تۈگمەن نورىنىڭ يېنىدىكى چۈشۈرگە ئارقىلىق تەڭشەيدۇ. ئادەتتىكى تۈگمەن تۈگمەنخانا (ئۈگۈت تازىلاپ تەييارلانغان دان قويۇش ئۆيى، ئۇن تارتىشقا كەلگەنلەر ياتىدىغان ئۆي ۋە ئۇن تارتىش ئۆيى قاتارلىق بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدۇ)، نور، تاقاق، چاق، تاش، سۈكەن، چاناق، چېقىلدۇرۇق، خامپا، ئەلگەك، قوپارغۇ... قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. تۈگمەنچى بەلگىلىك ھۈنەر â تېخنىكىغا ئىگە بولغان كىشى بولۇپ، ئۇ بەلگىلىك قەرەلدە تاشنى چۈشۈرۈپ چېكىپ تۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا â كەنتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە سۇ تۈگمىنى بولۇپ، زامانىۋى ئۇن زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن خەلقىمىز ئاساسەن تۈگمەنگە تايىنىپ ئوزۇقلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا â¹تۈگمەنبېشىâº، â¹تۈگمەنلىكâº، â¹ياقىتۈگمەنâº، â¹تۈگمەنئېرىقâº، â¹قوشتۈگمەنâº، â¹جاڭگالتۈگمەنâº، â¹قىرىقتۈگمەن⺠قاتارلىق تۈگمەنگە ئالاقىدار نام بىلەن ئاتىلىدىغان يېزا â كەنتلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ئادەتلىرى ئىچىدە تۈگمەنچىلىكنىڭ ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يەرلىك تۈگمەنلەرنىڭ سانى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئاممىسى زاۋۇت ئۇنىغا قارىغاندا تۈگمەن ئۇنىنى ئەتىۋارلىق بىلىدۇ.
ئىدىقۇت باغرىدىكى كەشپىياتلار
ئىدىقۇت â قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، مەنىسى â¹بەخت (قۇت) بەرگۈچى تەڭرىâºدېمەكتۇر. بۇ جاي ھازىرقى تۇرپان ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۇرپان ئويمانلىقى دېڭىز يۈزىدىن بىر يۈز ئەللىك تۆت مېتىر چوڭقۇر بولۇپ، قۇرغاق ھاۋا كىلىماتىغا ئىگە.
ئىدىقۇت â ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيەت تارىخى بار. ھازىرغىچە ئىزى ئۆچمىگەن يارغول قەدىمكى شەھىرى، ئىدىقۇت خارابىلىكى، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى قاتارلىق ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرى ئىدىقۇت مەدەنىيىتىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرىدۇ.
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى قەيسەر ۋە ئەمگەكچان خەلق بولۇپ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئىگە بۇ مۇنبەت زېمىننى گۈللەندۈرۈش يولىدا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغان. مەسىلەن:
كارىز
كارىز â ئىدىقۇت خەلقلىرىنىڭ پەم â پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئۆزىگە خاس كەشپىياتى. ئىدىقۇت تېغى باغرىدىكى ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان مۇشۇ كارىزغا تايىنىپ بۇ ۋادىنى بۈگۈنكىدەك مۇنبەت بوستانلىققا، دۇنياغا مەشھۇر â¹ئۈزۈم شەھىرى⺠گە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىقۇت خەلقى كارىزنى â¹ھاياتلىق مەنبەسى⺠دەپ تەرىپلەيدۇ.
تېخى يېقىنقى يىللارغىچە تۇرپان ۋادىسىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى كارىز ئىدى. كارىز خۇددى ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلاردەك تۇرپان، پىچان، توقسۇن رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن.
كارىز، ئونلىغان، يۈزلىگەن يەر ئاستى سۇ قۇدۇقلىرىنىڭ ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىدىن ياسالغان يەر ئاستى سۈيىنى يەر ئۈستىگە باشلايدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلىك بىر خىل ئېرىق بولۇپ، ئۇ پەقەت ئىدىقۇت باغرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىگە ماسلاشقان.
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىدىقۇت تاغ باغرىدا سۇلۇق بۇلاق بولغان، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇلاق سۈيى يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقالماي، سۇ قاتلىمى پەسلەپ كەتكەن، كىشىلەر سۇنى چىقىرىش مەقسىتىدە يەرنى چوڭقۇر كولاپ، بۇلاق سۈيىنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپكى بىر قۇدۇقلۇق كارىز بارلىققا كەلگەن. كېيىن سۇنى كۆپەيتىش ئۈچۈن قۇدۇق بىلەن قۇدۇقنى بىر â بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان يەر ئاستى ئېرىق چېپىپ، ئېرىق ئىچىدىكى توپىلارنى سىرتقا يۆتكەش ئۈچۈن â¹تۈڭلۈك⺠ئاچقان. مۇشۇ تۈڭلۈك ئارقىلىق قۇدۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان يەر ئاستى قانالنىڭ توپىلىرىنى ياغاچ چىغرىق ياكى قول كۈچى بىلەن يەر ئۈستىگە تارتىپ چىقارغان. ھازىرغىچە â¹يەتتە قىزâºنىڭ تاش ھەيكىلى بار تاغ باغرىدىكى قۇرۇپ كەتكەن بىر قۇدۇقلۇق، ئىككى قۇدۇقلۇق كارىز ئىزلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. كارىزلار يەر تەكشىلىكىگە ئاساسەن، ئېگىزلىكتىن پەسلىككىچە قاراپ كولىنىدۇ. باغ تەرىپى چوڭقۇر بولۇپ، بارغانسېرى تېيىزلىشىپ ئاخىر يەر ئۈستىگە ئۇلىنىدۇ. ھازىرغىچە بۇ يۇرتتا قېزىلغان كارىزلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى ئون كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئىككى يۈزگە يېقىن قۇدۇقى بار. پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم يېزىسىدىكى كىچىك كارىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتتە يېرىم كىلومېتىر بولۇپ، بىر يۈز ئاتمىش بەش قۇدۇقى بار. پىچان لەمجىندىكى â¹سەپتە گور⺠كارىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.75 كىلومېتىر بولۇپ، بىر يۈز سەكسەن قۇدۇق بار. پىچان دالانكارىزدىكى â¹ھۇلۇڭ⺠كارىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتىر بولۇپ، بىر يۈز توقسان بەش قۇدۇق بار. مۇشۇنداق كارىزلاردىن تۇرپان ۋادىسىدا نەچچىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بەش مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
كارىز سۈيى ھەم سوغۇق، ھەم سۈزۈك بولغاچقا، تۇرپاننىڭ قىرىق گرادۇستىن ئاشىدىغان يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە كارىز ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇش ۋە سۇ ئىچىش، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
گەرچە ھازىر سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرپان ۋادىسىنىڭ سۇ مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان بولسىمۇ، كارىز ئىدىقۇت باغرىدا يەنىلا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
قىسقىسى، خۇددى رۇسىيە ئالىمى گرۇم گرجىمايلوپ ئېيتقاندەك: â¹ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەتلىك بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشائاتى â ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلاردىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كارىز مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىداسىدىن قېلىشمايدىغان، قايىل قىلارلىق كۈچكە ئىگە سۇ ئىنشائاتىدۇرâº.
ئەر قانىتى â ئات
ئات â ئىنسانلارنىڭ تەرىپىدىن ئەڭ دەسلەپ قولغا ئۆگىتىلگەن ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئاتنىڭ كۆندۈرۈلۈشى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئېنىق. كۆپلىگەن ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاتلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تارقالغان. ئاتنى كۆندۈرۈشمۇ ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ رايوندىن باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا تارىختىكى â¹ئاتلىقلار مەدەنىيىتى⺠دەپ ئاتالغان مەدەنىيەت دەۋرى بارلىققا كەلگەن.
ئات يالغۇز چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىردىنبىر ئىشلەپچىقىرىش قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دېھقانچىلىق ئىگىلىكىدىمۇ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىق قورالدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن باشلاپ ئاتنى ئىنتايىن ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر ئېئوسلىرىدا ئاتنىڭ ئوبرازى ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. â¹ئوغۇزنامە⺠ئېپوسىدا ئاتمۇ خۇددى â¹كۆك يايلىلىق بۆرەâºگە ئوخشاش مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ۋە ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى پالچىلىق كىتابى â¹ئىرق پۈتۈكâºتە ئات ئومۇمەن ياخشىلىق، بەختنىڭ بەلگىسى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن تاشقىرى خەلقىمىز ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە â¹دۇلدۇل⺠ھەققىدە ناھايىتى كۆپ قىزىقارلىق ئەپسانە â رىۋايەت ۋە چۆچەكلەر ئېقىپ يۈرمەكتە. دۇلدۇل چۈشەنچىسى ۋە ئېتقادى ماھىيەتتە ئاتنىڭ ئىلاھىيلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئات ھەقىقەتەن ھەممە ھايۋانلاردىن كۈچلۈك ۋە ئەقىللىك. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىلا ئاتنىڭ ئاشۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قانىتى دەپ ھېسابلىغان. قەدىمكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا ئاتنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادى تۈپەيلىدىن تەڭرىقۇت ياكى سەركەردىلەر ئۆلسە، ئۇلارنىڭ مىنىدىغان ئېتىنىمۇ قوشۇپ بىرگە دەپنە قىلىش ئادىتى بولغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىدا ئاتنىڭ باش سۆڭىكىنى مەڭگۈ تاش ئورنىدا بېكىتىپ قويۇش ئادىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قەدىمكى دەۋرلەردە يەنە خەلقىمىز ئاتنى مۇقىم پۇل بىرلىكى ئورنىدا ئىشلەتكەن.
ئۇيغۇرلار ئاتنى ھەقىقەتەن قەدىرلەيدۇ. ئاتنى ئۇرۇش ياكى خارلاشنى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئاتنى مەخسۇس ئېغىلدا ئەتىۋارلاپ باقىدۇ. ئات ئېغىلغا پات â پات ئىسرىق سېلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ مىنىدىغان ئاتنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنداق ئاتلارنى داۋاملىق ئۆستەڭلەرگە ئاپىرىپ يۇيۇپ â تاراپ تۇرىدۇ. يۈگەن، ئېگەر جابدۇقلىرىنىمۇ خىللاپ، ئاتقا تېخىمۇ سالاپەت كىرگۈزىدۇ. ھارۋىغا قاتىدىغان ئاتلارنى ئالاھىدە بېزەيدۇ. ئات گۆشى يېيىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىدا گەرچە مەنئى قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتنى ئۆلتۈرۈپ يېيىش ئومۇملاشمىغان. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئات گۆشىنى ئاساسەن يېمەيدۇ.
دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۈگۈنكى كۈندە قاتناش ئىشلىرى ئاساسەن ماشىنىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئات ئۆزىنىڭ رولىنى يوقاتقىنى يوق. بەلكى يېزا â قىشلاقلاردا ھەتتا شەھەرلەردە ئات ھارۋىلىرى ئاساسلىق قاتناش قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا. خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە كىرا ماشىنىلىرى بىلەن بەس â بەستە قاتناۋاتقان كۆركەم ئات ھارۋىلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن چەت ئەللىك ساياھەتچى دوستلارنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
قاتناش â ترانسپورت ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاتناش â ترانسپورتىدا تۆگە كارىۋىنى بىلەن ئات â ئېشەك كارۋانلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەينى مەزگىللەردىكى â¹يىپەك يولى⺠سودىسىدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ تۆگە كارۋانلىرى ئايىغى ئۈزۈلمەستىن نەچچە ئايلاپ يۈرۈپ، خەلقئارالىق قۇرۇقلۇق قاتنىشىدا ئۈلگە ياراتقانلىقى ھەققىدە ھەممىگە مەلۇم بولغان قىزىقارلىق خاتىرىلەر بار.
تۆگە ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ياۋاش ئەمما كۈچتۈڭگۈر ھايۋان بولۇپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتىغا ناھايىتى ماسلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتمۈشتە شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن يوللۇق قاتنىشىدا تۆگە ئاساسلىق رول ئوينىغان. ھەرقايسى يۇرتلاردا ئۇيغۇرلاردىن ئاتاقلىق تۆگىچىلەر (كارۋان بېشى) بولغان. بولۇپمۇ كەلپىن ناھىيىسى، قەشقەر كونىشەھەرنىڭ ئوپال، تاشمىلىق رايونلىرى تۆگە قاتنىشىدا مەشھۇر بولۇپ، بۇ جايلاردا تۆگە بېقىش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قاتناش ئادىتى ئۈستىدە سۆز ئاچقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئېپوسى â¹ئوغۇزنامە⺠ئىچىدىكى تۆۋەندىكى ئابزاسلار بىزنىڭ دىققەت â ئېتىبارىمىزنى قوزغايدۇ؛ ئوغۇزخاننىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدە بارماقلىق يوسۇن بىللىگ دېگەن چېۋەر بىر ئادەم بولۇپ، ئوغۇزخاننىڭ ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى توشۇشقا ئېگىز بىر ھارۋا ياسىغان، ھارۋىغا جانسىز غەنىمەتلەرنى قاچىلاپ، ھارۋىنى جانلىق غەنىمەتلەرگە تارتقۇزغان، نۆكەرلەر ۋە ئەل â جامائەت بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشقان، ئۇلارمۇ ھارۋا ياسىغان، ئېگىز ھارۋا ماڭغاندا، â¹قانغا، قانغا⺠دېگەندەك ئاۋاز چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا â¹قانغا⺠دەپ نام قويۇشقان، ئوغۇزخان بۇ ھارۋىنى كۆرۈپ كۈلىدۇ، ئېيتتىكى؛ â¹قانغا بىلەن جانسىز غەنىيمەتنى جانلىق غەنىيمەت سۆرەپ ماڭىدىكەن، ئېگىز ھارۋىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن â¹قانغۇلۇق ساڭا ئات بولسۇن⺠يۇقىرىقى پارچە ئارقىلىق ئوغۇز خاقان دەۋرىدىلا ئېگىز چاقلىق ھارۋا قاتناش ئىشلىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مۇشۇ خىل ھارۋىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىمۇ مۇقەررەركى، ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان â¹يار â يار ھارۋا⺠شەكىل جەھەتتىن â¹قانغا⺠بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە.
â¹يار â يار ھارۋا⺠بەزىدە â¹پەيزىۋات ھارۋىسى⺠دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ھارۋىغا ئات ياكى ئۆكۈز قېتىلىدۇ. چاقنىڭ دىئامېتىرى بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، چەمبىرى سېرىق سۆگەتنىڭ ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ھارۋا ئوقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ھارۋىنىڭ جازىسى شۇ ئوق ئۈستىگە ئورنىتىلىدۇ. بۇنداق ھارۋا توپىلىق يوللارغا ماس كەلگەچكە، يېزا قاتنىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھارۋىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، شەھەر قاتنىشىدا مەپە ھارۋا كەڭ ئومۇملاشقان. مەپە â¹يار â يار ھارۋاâºنىڭ ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن يېڭى نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن ئادەم توشۇيدۇ. مەپە ھارۋىمۇ ئىككى چاقلىق بولۇپ، چاقنىڭ â¹دىئامېتىرى بىر مېتىر ئەتراپىدا. ئۈستى كىمىر ئۆي شەكلىدە ياسىلىپ، يان تەرىپىگە ئىككى كۆزنەك قويۇلغان. ئالدى تەرىپىگە رەختتىن پەردە تارتىلغان بولۇپ، ئادەتتە تۆت ئادەم ئولتۇرۇشقا بولىدۇ. مەپە ھارۋا ھۈنەر â سەنئەت جەھەتتە كۆركەم ۋە نەپىس ياسىلىدۇ. مەپىگە قاتىدىغان ئاتمۇ ئالاھىدە خىللىنىدۇ. ئاتنىڭ بېشىدىن تارتىپ قۇيرۇقىغىچە رەتلىك ھالدا ياڭاقتەك مىس كولدۇرمىلار ئېسىلىدۇ.
مەپىدىن باشقا يەنە â¹خادىك ھارۋا⺠مۇ كەڭ ئومۇملاشقان. خادىك ھارۋا ئىلى، ئۈرۈمچى، ئالتاي چۆچەك قاتارلىق شەھەرلەرگە كەڭ تارقالغان. خادىك ھارۋىنىڭ چاقى تۆت بولۇپ، ئالدى بىلەن چاقى كىچىك، كەينى چاقى چوڭراق بولىدۇ. جازىسى پەسرەك بولۇپ، ئىشلىتىشكە قۇلاي، ئۇنىڭغا ئادەتتە بىر ياكى ئىككى ئات قېتىلىدۇ. ئون كىشى ئولتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇ شەھەر قاتنىشىدىغان â¹ئاپتوبۇسâºنىڭ رولىنى ئويناپ كەلگەن. ھازىرمۇ تۇرپان، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردە خادىك ھارۋىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن شەكلى â ئىككى چاقلىق يەڭگىل ھارۋا قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە بولۇپ، تۇرمۇشتا قوللىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەرلىك ھارۋىلار â¹تويوتاâº، â¹خۇاڭگۇەنâº، â¹سانتانا⺠قاتارلىق زامانىۋىلاشقان قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن بەس â بەستە كۆپلىگەن چەتئەل ساياھەتچىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
چار بازار
چار بازار â ھەپتىنىڭ ھەرقايسى كۈنلىرىدە باشقا â باشقا يەرلەردە بولۇپ تۇرىدىغان سودا â سېتىق بازىرىنىڭ نامى. بىر يۇرتتا ھەرقايسى كۈنلەرنىڭ نامى بىلەن بازار بولۇپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ تىجارەت قىلغۇچى â¹چار بازارچى⺠دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئۇلاغ ياكى باشقا قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ھەرقايسى بازارلاردا سەييارە تىجارەت قىلىدۇ.
بازار كۈنى ئايرىم â ئايرىم بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردا چارۋا مال بازىرى، جۇۋا (ئاشلىق بازىرى)، گەز مال بازىرى، چەرچىن مال بازىرى، كۆكتات بازىرى، ئاياغ كىيىم بازىرى، باش كىيىم بازىرى، ئوتۇن بازىرى، سامان بازىرى، ياغ بازىرى قاتارلىقلار بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئاشخانا، ناۋايخانا، قاسساپ دۇكانلىرى بولىدۇ. ئەتراپتىكى دېھقانلار ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلەرنى بازار كۈنى ساتىدۇ ۋە ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ. بەزىلەر سودا â سېتىق ئۈچۈن بازارغا كېلىدۇ. بەزىلەر سودا â سېتىق ئۈچۈن بازارغا كېلىدۇ. بەزىلەر بولسا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سامسا، گۆش گىردە، كاۋاپ قاتارلىقلارنى يېيىش ئۈچۈن كېلىدۇ.
چار بازاردا تۇرمۇشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. شۇڭا بەزىلەر چار بازار كۈنى يەنە بىر بازار كۈنى بولغۇچە يەتكۈدەك نەرسە â كېرەكلەرنى سېتىۋېلىپ قايتىدۇ.
چار بازار ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ، مەدداھلار ئالاھىدە سورۇن تۈزۈپ داستان ۋە جەڭنامىلەرنى سۆزلەپ كىشىلەرنى تۈزۈپ قوشقا سوقۇشتۇرىدۇ، توخۇ سوقۇشتۇرىدۇ، يەنە بەزىلەر تېكە ئوينىتىدۇ، دارۋازلار دارغا چىقىدۇ، ۋەھاكازالار.
ئائىلە باقمىچىلىق
ئۇيغۇرلاردا ئائىلە باقمىچىلىقى ۋە مال بورداش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان.
ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىپ دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا â سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئائىلىۋى باقمىچىلىقنى يولغا قويۇپ ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوزۇقلىنىش ۋە سودا â تىجارەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان.
ئۇيغۇرلار ئاساسەن كالا، قوتاز، قوي، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىقلارنى مەخسۇس بوردايدۇ. كالا، قوي بورداش ۋاقتى 11â ئايدىن 4 â ئايغىچە بولىدۇ، مال بورداش ئۈچۈن پاكىز، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆي تەييارلىنىدۇ. مال ئوقۇرى ياغاچتىن ياسىلىدۇ. مال تۇرىدىغان جاينىڭ ئالدى ئېگىز، ئارقىسى پەس بولىدۇ. مال بوردىغۇچىلار بوردىلىدىغان مالنىڭ بويى، ئۇستىخان چوڭلۇقى، يېشى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بوردىلىدىغان مالغا ياۋا ئوت â چۆپ، سېسىغان، قاقشال بولۇپ قالغان يەم â خەشەك بەرمەيدۇ. قۇرۇق ئوت، بېدە، سامان بېرىلگەندە ئۇلارنى يۇيۇپ قاتمال بولسا ئىسسىق سۇغا بېسىپ يۇمشىتىپ بېرىدۇ. بوردالغان قوي، كالىغا ھەلەپ ئەتكەندە كېپەك بىلەن قوناق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرىدۇ. چۈنكى، يالغۇز كېپەكلا بەرسە ئۇنىڭ كۈچى بولمىغاچقا مال ئەت ئالمايدۇ. ئەكسىچە يالغۇز ئۇن بەرسە مالنىڭ ئىچىنى سۈرۈۋېتىدۇ. قويغا قوناق بېرىشكە توغرا كەلگەندە يارما قىلىپ ياكى قاينىتىپ بېرىدۇ، ئادەتتە ھۆل شاپاق شالتاقنى بەرمەيدۇ. بېرىشكە توغرا كەلسە ئالدى بىلەن شاپاقنى سايىدە قۇرۇتۇپ سۇ تەركىبى تۈگەپ شىرشىم بولغاندا بېرىدۇ.
قوي سەمرىشكە باشلىغاندىن كېيىن ئالدىدىن يەم ئۈزمەيدۇ. يەم â خەشەكنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەسىلەن، ھازىر بېدە بېرىلسە ئارقىدىن ئادەپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەلەپ بېرىپ ئارقىدىن سۇغىرىدۇ. يەم بېرىش جەريانىدا يەملەرگە تۇز سالىدۇ ياكى يالاش ئۈچۈن شور تۇز قويۇپ قويىدۇ. قوي سەمىرىپ يېتىلىشكە باشلىغاندا ئۇخلاتمايدۇ. بەلكى ئىككى تەرىپىگىچە تاختا قويۇپ، قوينىڭ ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلمەي يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مالنىڭ ئاستىنى داۋاملىق قۇرۇتۇپ تۇرۇشتىن تاشقىرى، بۇرۇن، قۇلاق، تۇياقلىرىنى تەكشۈرۈپ مالدا پەيدا بولىدىغان ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مالنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلسا، بۇرنىغا سۇ مېيى سۈركەپ ياكى پىياز يېگۈزۈپ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. كالا بورداشمۇ ئاشۇ خىلدا بولۇپ، يەم â خەشەكلىرىگە قوناق شېخى، مېۋىلىك دەرەخ يوپۇرماقلىرى قوشۇپ بېرىلىدۇ. بوردىلىدىغان قوي كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يۈز گرامدىن سەككىز يۈز گرامغىچە، كالا بىر يېرىم كىلوگىرامدىن ئىككى كىلوگىرامغىچە يەم يېيىشى لازىم. مۇشۇ خىلدا باققان قويلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوندىن بىر يۈز يىگىرمە كىلوگرام، گۆش ئېغىرلىقى يەتمىشتىن سەكسەن كىلوگىرامغىچە، كالىنىڭ گۆش ئېغىرلىقى ئىككى يۈز ئەللىك كىلوگرامدىن ئۈچ يۈز كىلوگىرامغىچە بولۇپ يېتىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئادەتتە، توخۇ، ئۆردەكنى مەخسۇس كاتەك ياساپ، ھەربىرىنى بىر كاتەككە سولاپ ئايلانمايدىغان قىلىپ تۇغۇزۇپ قوناق خېمىرىنى ئېچىتىپ بېرىپ بوردايدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن بىرەر ھەپتە ئىچىدە توخۇغا سەككىز يۈز گىرامدىن بىر كىلوگىرامغىچە، بىر ئۆردەككە بىر كىلوگرامدىن بىر يېرىم كىلوگىرامغىچە ئەت قوندۇرىدۇ. بۇ خىل بورداش قىش كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەرقايسى جايلاردا مال بورداشنى كەسىپ قىلغان مەخسۇس كىشىلەر بولۇپ، ئۇ سودا â تىجارەتنىڭ بىر خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
ئەنئەنىۋى زىرائەت پەرۋىشى ۋە ئاشلىق ساقلاش
ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن. بۇ جەرياندا ئۇلار دېھقانچىلىقنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى يارىتىپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە زىرائەتلەرنى پەرۋىش قىلىش ۋە ئاشلىق ساقلاشنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى ۋە چارە تەدبىرلىرىنى ئىختىرا قىلغان.
زىرائەت پەرۋىشى â شىنجاڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقانلىقى، دېڭىز â ئوكيانلاردىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ رايوندا ئىچكى قۇرۇقلۇققا خاس تىپىك قۇرغاق ئىقلىم شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت پەسىلنىڭ پەرقى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تارىم بوستانلىقى، ئىلى ۋادىسى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرى ئېلىمىزدىكى مەشھۇر ئاشلىق ماكانلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز رايونىنىڭ تەبىئىيى شارائىتى ۋە ئىقلىم شارائىتىغا ئاساسەن، زىرائەتلەرنى پەرۋىش قىلىش ۋە ئۇنى زىيانداش ھاشاراتلاردىن ساقلاشنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى يەرلىك ئۇسۇللىرىنى تاپقان.
دېھقانلار زىرائەتلەر يۇمران مايسا مەزگىلىدە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ۋە غولىدا زىيانداش ھاشارەت ئاسان پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، زىرائەتلەرگە مۇۋاپىق مىقداردا كۈل چاچىدۇ ياكى ئېتىز بېشىغا كۈلنى دۆۋىلەپ، ئۇنى شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ سورۇيدۇ. نەتىجىدە كۈل زىرائەتكە تەكشى قونۇپ، ئۇنىڭدىكى ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا زىرائەتتىكى â¹دات⺠چۈشۈش كېسىلىگىمۇ كۈل چېچىش ئۇسۇلى بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ.
يەنە ھاۋانىڭ تاسادىپىي تىنچىق بولۇشى بىلەن زىرائەتلەر ئۈستىدە قاناتلىق ھاشارەتلار پەيدا بولغاندا، شامال يۆنىلىشىدە تۇرۇپ ئادراسمان چاكاندىسىنى كۆيدۈرۈپ شامال كۈچى بىلەن ئېتىزلىقنى ئىسلاپ قۇرتنى يوقىتىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا ياز ئايلىرى كۆپ چىقىدىغان ئىسسىق شامال دەستىدىن زىرائەتلەردە ئاسانلا â¹ھال كېسىلى⺠پەيدا بولىدۇ. بۇنداق پەيتتە تېرەك شاخلىرىنى كېسىپ ئېتىزلىقنىڭ شامال كېلىش يولىغا قاداپ قويىدۇ. بۇ ئىسسىق شامالنىڭ ھال كېلىش يولىنى توسىدۇ ھەمدە شاخلار ئىسسىق شامالنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ. دېھقانلار ئارىسىدا يەنە ئوخشىغان زىرائەتلەرگە â¹كۆز تەگمىسۇن⺠(ماھىيەت ھال چۈشمەسلىك ئۈچۈن) تېرەك شاخلىرىنىڭ ئۇچىغا قۇراق لاتىلاردىن تىكىلگەن قورچاق ئېسىپ قويۇش ئۇدۇمىمۇ بار.
چېكەتكە زىرائەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغاچقا، دېھقانلار چېكەتكە يوقىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چېكەتكىنىڭ پەيدا بولۇش، كۆپىيىش ۋاقىتلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. دېھقانلار چېكەتكىنىڭ كۆپىيىش ۋاقتىنى 9 â 10 ئايلار دەپ بېكىتىدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇش ئورنى ئوتلاق ياكى يۇمشاق توپا ئارىلىرى بولغاچقا، چېكەتكە تۇغۇش مەزگىلىدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئۇۋىسىنى قېزىپ يوقىتىدۇ. يوقالمىغان چېكەتكىلەر 4â، 5â ئايلاردا ئۇۋىسىدىن چىقىپ زىرائەتكە ھۇجۇم باشلايدۇ. بۇنداق چېكەتكىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەر يۈز قەدەمگە بىر غۇلاچ كەڭلىكتە، بىر مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئورا كولاپ، كىشىلەر ھەر تەرەپتىن چېكەتكىلەرنى قوغلاپ ئورىغا قامايدۇ. ئاندىن ئورىغا ئوت قويۇپ، چېكەتكىلەرنى ئوتتا ئۆرتەپ يوقىتىدۇ.
ئاشلىق ساقلاش
ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئاشلىقنى تاغار، خانپا (ياغاچ ساندۇق)، باداڭ (چىۋىق توقۇلما سېۋەت) قاتارلىقلاردا ساقلايدۇ. يۆتكەش ئىمكانىيىتى بولمىغان كۆپرەك يىرىك ئاشلىقنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاشقا توغرا كەلگەندە مەخسۇس ئورا ياساپ ساقلايدۇ. ئاشلىق ئورىسى ئۈچۈن قۇرۇق يەر تاللىنىدۇ. ئاشلىق ئورىسى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئۈستى ئوچۇق تۇز كولانغان ئورا، يەنە بىرى، ئىچ گۆر قازغانغا ئوخشاش ياسالغان گەمە، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىچى تەرىپى ھاك، تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان سامانلىق لاي بىلەن سۇۋۇلىدۇ. بۇنداق سۇۋاقتىن چاشقان، ئاغمىغان قاتارلىق ئاشلىق â¹ئوغرىâºلىرى ئۆتەلمەيدۇ ۋە ئاشلىق بۇزۇلمايدۇ. ئورىنىڭ ئاغزى توپا چۈشمەيدىغان ۋە ھاۋا كىرمەيدىغان قىلىپ مەھكەم ئېتىلىدۇ. تارىم ئەتراپىدىكى قۇملۇق كەنتلەردە دېھقانلار ئارتۇق ئېشىنچا ئاشلىقلىرىنى تال ياكى توغراق چىۋىقلىرىدىن ياسالغان چوڭ باداڭ (گۈمبەز شەكىلدە توقۇلغان سېۋەت)غا قاچىلاپ ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپ، ئۇنى قۇم ئاستىغا كۆمۈپ ساقلايدۇ. بۇنداق ساقلانغان ئاشلىق نەچچە يىللار تۇرسىمۇ بۇزۇلمايدۇ.
بېدىك
ھەرقايسى رايونلاردىكى قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي تۈسكە ئىگە چار بازار سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سودا ئىشىدا ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرگۈچى بېدىك (دەللال دەپمۇ ئاتىلىدۇ) لەر پەيدا بولدى. بېدىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى بىۋاسىتە شەكلى (سودىلاشقۇچى ئا ۋە ب تەرەپ) ۋاستىلىك شەكىلگە ئۆزگەردى. يەنى بېدىكلەر چاربازار سودىسىنىڭ مەخسۇس باشقۇرغۇچىسى ۋە تەشكىللىگۈچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ساتقۇچىلار قولىدىكى تاۋارلارنى كېلىشىم باھادا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئىستېمالچىلارغا پۈتۈشكەن باھادا سېتىپ بېرىش ئارقىلىق، دەسمايە سالماي ئارىلىقتىن â¹تاپان ھەققى⺠تاپتى. بۇنداق سودا شەكلى بارغانسېرى ئادەتكە ئايلىنىپ، بازار سودىسىغا كەلگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ساتماقچى بولغان تاۋارلىرىنى ئالدى بىلەن ئاشۇ بېدىكلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئاندىن كېيىن يەنە ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بوغان تاۋارلارنى ئاشۇ بېدىكلەرنىڭ قولىدىن ئالىدىغان بولدى.
ئۇيغۇر رايونلىرىدىكى سودا بازارلىرى تاۋارلارنىڭ تۈرى بويىچە (مەسىلەن، ئوتۇن â ياغاچ بازىرى، ساندۇق بازىرى، كەتمەن بازىرى، پاختا بازىرى، ئاشلىق بازىرى، قوي بازىرى، ئېشەك بازىرى، ئات â كالا بازىرى، يىپ بازىرى، خام (ماتا) بازىرى، قۇرۇق مېۋە بازىرى، سەي â كۆكتات بازىرى... دېگەنلەردەك) مەخسۇس ئورۇنغا جەملەنگەن بولۇپ، ھەرقايسى بازارلارنىڭ ئۆزىگە خاس بېدىكلىرى بولغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپرەك چارۋا بازىرىدىكى سودىنى كېلىشتۈرگۈچىلەرنى â¹بېدىك⺠دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىسمىمۇ â¹پالانى بېدىكâº، â¹پۇستانى بېدىك⺠دېيىلىپ، بۇ ئاتالغۇ شۇ خىل كىشىلەرنىڭ سۈپىتىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار ناھايىتى تىمەن، سودىدا چېۋەر ھەم سۆزمەن بولۇپ، بازارغا كىرگەن ھەرقانداق چوڭ â كىچىك چارۋا شەرتسىز ھالدا â¹بېدىكâºنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان.
بېدىكلەرنىڭ سودىنى باشقۇرۇش ئادىتى ئادەتتە ئىككى خىل شەكىلدە بولاتتى: بىرى، مال ئىگىسى (ساتقۇچى) بىلەن â¹بېدىك⺠ئۇ مالغا ئېھتىياجلىق ئىستېمال قىلغۇچى (ئالغۇچى)نى ئىزدەپ، كۆڭلىگە پۈككەن باھاغا كەلتۈرۈپ ساتقاندىن كېيىن، مال ئىگىسى بىلەن تۈزگەن باھا كېلىشىمى بويىچە نەقلەشتۈرۈپ، قالغان پايدىسىنى ئۆزى ئالىدۇ. ئەگەر كېلىشكەن باھادا ساتالمىسا، ساتقۇچى بىلەن يەنە بىر قېتىم كېلىشىپ، باھانى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىدۇ ياكى كېلەر قېتىملىق بازارغىچە سېتىپ قويۇشقا بورۇن (كاپالەت) بولۇپ، مالنى ئۆزى ئېلىپ قالىدۇ. ئىككىنچى خىل شەكىل، مال ئىگىسى بىلەن â¹بېدىك⺠باھا كېلىشىمى تۈزمەستىنلا، â¹ بېدىك⺠ئۇنىڭ مېلىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. مال ئالغۇچىنى تاپقاندىن كېيىن، ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنى تەننەرخ جەھەتتە نەق مەيداندا ئۆز ئارا كېلىشتۈرىدۇ. كېلىشتۈرۈش ئۇسۇلى كۆپىنچە â¹يەڭ سودىسى⺠ئارقىلىق بولىدۇ. â¹بېدىك⺠بىردەم ساتقۇچى بىلەن يەڭ ئىچىدە مالنىڭ باھاسىنى توختىتىدۇ، يەنە بىر دەم ئالغۇچى بىلەن يەنە شۇ ئۇسۇلدا تىلسىز كېلىشىدۇ. ئىشقىلىپ بىر ئامال بىلەن ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرىدۇ. خەلق ئىچىدە ھەربىر بارماقنىڭ مۇقىملاشقان پۇل قىممىتى بولۇپ، چوڭ â كىچىك بارماقلارغا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە مەلۇم پۇل بىرلىكىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. شۇنداق قىلىپ â¹يەڭ سودىسى⺠ئارقىلىق â¹بېدىك⺠ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرگەندىن كېيىن، ئادەت بويىچە ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى تۇتۇپ، â¹ياپىرىم، ھەر ئىككىڭلارغا قوتاتسۇن!⺠دەپ ، ئۇلارنىڭ ئالىقانلىرىنى يەر (تۇپراق)گە سۈرىدۇ. سودىغا تۇپراقنى گۇۋاھچى قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تۇپراقنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادىنىڭ ئۆرپ â ئادەتتىكى ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ بىر قېتىملىق سودا ئاياغلىشىدۇ. â¹بېدىكâºنىڭ ئەجرى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مەلۇم نىسبەتتە â¹شېرىنكانە⺠بېرىدۇ. بەزى رايونلاردا â¹بېدىكâºنىڭ â¹سالاچىلىق ھەققى⺠شۇ مالنىڭ بېكىتىلگەن باھاسىغا قاراپ مەلۇم نىسبەتكە مۇقىملاشقان. چار بازار سودىسىدىكى بۇ ئەنئەنىۋى ئادەت ھازىرغىچە يەرلىك بازارلاردا داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئورۇپ ئادەتلىرى ناملىق كىتاپتىن ئەلىندى
|